logoئادىلجان مۇئەللىم تور دەرسخانىسى
banner

پېتىپ قالغان پايدىن قۇتۇلۇش ئۇسۇلى

پاي بازىرىدا «%90 ئادەم زىيان تارتىدۇ، %8 ئادەم ئىزلىشىدۇ، %2 ئادەم پايدا ئالىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، كۆپىنچە ھاللاردا پايچىكلار پاينى ياخشى تاللىيالماسلىق، ۋاقتىدا زىياننى تىزگىنلىمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالغان پايچېكىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىپ قېلىپ، زىيانغا پېتىپ قالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلغاندا تېزراق زىياندىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ ئۇنداقتا نەزىرىڭىز ئادىلجان مۇئەللىمنىڭ تۆۋەندىكى يازمىسىدا بولسۇن.

1- تۆۋەن باھا پەرقى ئۇسۇلى

ئالدىنقى شەرتى: بازار چۈشۈش يۆنۈلۈشىدە بولۇشى كېرەك

ئالغان پايدىن زىيان چىقىپ پېتىپ قالغاندا، پاي ئۆسۈپ مەلۇم باھاغا يەتكەندە ئۇنى سېتىپ چىقىرىۋېتىمىز، ئاندىن بازارنىڭ چۈشۈشىنى كۈتۈپ، بۇ پاي چۈشۈپ مەلۇم باھاغا يەتكەندە سېتىپ چىقىرىۋەتكەن ساندىكى پاينى قايتا سېتىۋالىمىز، مانا مۇشۇنداق نەچچە تەكرارلىغاندا، پاينىڭ تەننەرقى چۈشىدۇ، زىيان پۈتۈنلەي تولۇقلىنىپ پايدىغا ئۆزگەرگەندىن كېيىن، بۇ پاينىڭ ھەممىسىنى سېتىپ قولدىن چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ.

2- يۇقىرى باھا پەرقى ئۇسۇلى

ئالدىنقى شەرتى: بازار ئۆسۈش يۆنۈلۈشىدە بولۇشى كېرەك

ئالغان پايدىن زىيان چىقىپ پېتىپ قالغاندا، تۆۋەن باھادا بۇ پايدىن مەلۇم مىقداردا يەنە ئالىمىز، ئاندىن پاي ئۆسكەندە (تۇنجى قېتىملىق باھاغا يەتمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ) ئالغان مىقداردىكى پاينى سېتىۋېتىمىز، مانا مۇشۇنداق نەچچە تەكرارلىغاندا، پاينىڭ تەننەرقى چۈشىدۇ، زىيان پۈتۈنلەي تولۇقلىنىپ پايدىغا ئۆزگەرگەندىن كېيىن، بۇ پاينىڭ ھەممىسىنى سېتىپ قولدىن چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ.

banner

3- ئوتتۇرىچە باھانى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى

ئالدىنقى شەرتى: كۆپ مىقداردا پۇل بولۇشى كېرەك

ئالغان پايدىن زىيان چىقىپ پېتىپ قالغاندا، پاي مەلۇم باھاغا چۈشكەندە ئەسلىدىكى پاينىڭ مەلۇم ھەسسىسى بويىچە بۇ پايدىن سېتىۋالساق، ئوتتۇرىچە باھاسى چۈشىدۇ، ئاندىن بۇ پاينىڭ ئۆسۈشىنى كۈتۈپ، زىيان پۈتۈنلەي تولۇقلىنىپ پايدىغا ئۆزگەرگەندىن كېيىن، بۇ پاينىڭ ھەممىسىنى سېتىپ قولدىن چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل يەنە «پىرامىدا ئۇسۇلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

4- ئۈچتىن بىرىنى دۇمىلىتىش ئۇسۇلى

ئالدىنقى شەرتى: بازار تەۋرىنىش ھالىتىدە بولۇشى كېرەك

ئالغان پايدىن چىقىپ پېتىپ قالغاندا، مۇشۇ پاينىڭ تەۋرىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇشۇ پاينىڭ ئۈچتىن بىرىنى مۇقىم تۇتۇپ تۇرىمىز، قالغان ئۈچتىن بىرىنى بازار ئۆسسە ساتىمىز، چۈشسە تولۇقلاپ ئالىمىز، يەنە ئۈچتىن بىر مال كەلگۈدەك نەق پۇل تۇتۇپ تۇرىمىز، بۇ پۇلغا چوڭ تاۋاق %5 تىن، بۆلەك تاۋاق %8 تىن چۈشكەندە مال تولۇقلاپ ئالىمىز. پاي تاللىغاندا بىر كۈن ئىچىدىكى تەۋرىنىشى %3 تىن، كۈنلۈك تەۋرىنىشى %6 تىن، ھەپتىلىك تەۋرىنىشى %10 تىن، ئايلىق تەۋرىنىشى %20 تىن چوڭ جانلىق پاينى تاللاش كېرەك.

5- پاي ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى

ئالدىنقى شەرتى: قولدىكى پاينىڭ ھېچقانداق پۇرسىتى قالمىغانلىقىغا توغرا ھۆكۈم قىلىش كېرەك

ئالغان پايدىن چىقىپ پېتىپ قالغاندا، بۇ پاينى سېتىپ چىقىرىۋېتىپ، مۇشۇ پاي بىلەن باھاسى ئوخشاش، ئۆرلەش پۇرسىتى چوڭ بولغان پايدىن ئوخشاش باھادا سېتىۋېلىپ، پاي باھاسى ئۆرلەپ زىيان ئىزىغا كەلگەندە ياكى پايدا كۆرۈلگەندە بارلىق مالنى سېتىىپ چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل «ئوخشاش باھادا پاي ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزىدە ئوخشاش باھادىكى پايلارنىڭ ھالى ياخشى بولمىسا، قىممەت باھالىق، ھالىتى ياخشى، جانلىق پايلارنى ئالماشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. گېزى كەلگەندە زىيىنىغا سېتىپ بولسىمۇ پاي ئالماشتۇرۇپ، زىياننى تولۇقلاش كېرەك.

banner